作词 : Rejez作曲 : internetپۇچۇلغان كۆڭلۈمنى دەپ بولسىمۇ ھەم ياقامدىن تاتما ھېيماغدۇرسىز پۇتۇمدىن ئەيمىنىپ بولسىمۇ ئۆزۈڭنىڭ ئېغىرىنى ئاتما ھېيقۇلۇقۇم خېلىدىن بېرى ئاغرىق شۇڭا بايانغا زەھەرنى قاتما ھېيبۇرۇنقىدەك بەك نەرقىم قالـمىدى ئۆتۈنەي ياتلارغا ساتما ھېيبىلسەڭ بۇ ئالەم بۇ، 4 كۈنچە، ساناقلىق مۇراتقا يەتكەنلەرمۇبىلسەڭ بۇ ئالەم بۇ، 4كۈنچە، ساناقسىز كۆمۈلۈپ كەتكەنلەرمۇبىلسەڭ بۇ ئالەم بۇ، 4 كۈنچە، سۇندى ئالتۇن دەستە كەتمەنلەرمۇبىلسەڭ بۇ ئالەم بۇ، 4 كۈنچە، تۈگىدى دەرتسىز دەردمەنلەرمۇشۇنداق ئۇنداق-بۇنداق بەك كۆپ كىشىلەدەيدۇ ئۆز تەقدىرىڭگە ئىشلەمەيلى دېگىن ھوزۇر ئارىلاش كىشنەگېپىمنى بىر چۈشىنەماڭا بىر ئىشىنەبولدى ياق! ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈمگە ئايانمەن شۇنداق ساراڭ گەپكە كۆنمەس توۋا دېگەش ھەم يەنە ياقاڭنى چىشلەيالغاندىن رىشتە توپىغا يىلتىز تارتىپ زىمىندىن پەلەككە ئۈنگۈم يوققېلىپسىز بۇرادەر يېتەر مۇشۇ، ئەمدى قايتا قېلىپىڭغا كۆنگۈم يوقھاياتىم ئۈستىدە مەجبۇرلۇق ئازابىي ئىتۇتقا ئەمدى قايتا كۈلگۈم يوقتەقسىملىق بىر مەيدان كىچىك ئۇيۇن بولسىمۇ تىراگىدىيە تۈسىدە قايتا ئۆلگۈم يوقرىئالدىن قېچىشقا ئۇرۇندۇم، خىيالىم گۈزەللىك ئەلۋەكئەپسۇس يوقتۇر ھېچ كۆڭلۈمگە داۋالىق تەسكىنيىقىلدىم ئويماندا يىقىلدىم بىشىمغا ئۇرۇلدى گىرۋەكسۆز تامام يوقتۇر بىلسەڭ مەندىنمۇ بەتتەر مىسكنرىئالدىن قېچىشقا ئۇرۇندۇم، خىيالىم گۈزەللىك ئەلۋەكئەپسۇس يوقتۇر ھېچ كۆڭلۈمگە داۋالىق تەسكىنيىقىلدىم ئويماندا يىقىلدىم بىشىمغا ئۇرۇلدى گىرۋەكسۆز تامام يوقتۇر بىلسەڭ مەندىنمۇ بەتتەر مىسكىنمۆرەمگە سوقۇپكاللامغا نۇقۇپئېغىز ئاشتى چوقۇپسەۋەنلىك توقۇپقىزارغان كۆزىدىن نېمە ئوي-خىيالى بار زادى كۆڭلۈم سېزىپ قالدى ئۇقۇپمېھىرلىك بېقىشنىڭ ئاستىدا يۇشۇرۇنغان تالايلىق زەھەرنى تۇيۇپمۇ قالدىمھەي... بولدى رىئالدىن قاچاي دەپ كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ئۇيۇپمۇ قالدىمچاڭ قونماس غۇبارسىز گۈزەل ھايات ئەسلىدىنلا شېخىل بۇنىسى ئېنىقرەڭدىن تۆرەلگەن سۈئىيلىك ساپلىق ئەسلىدىنلا بېخىل گۇۋاھچىسى ئېغىر تىنىقروشەن كۆزلەرمۇ ھەرگىز كۆرەلـمەيدۇ باش كۆزۈم ئاق كېپەندە تېڭىقمەڭزىمدىن سىرغىپ چۈشكەن ھەربىر تامچەم قىپقىزىل رەڭدىنمۇ خېلىلا قېنىقئاتامدىن باشقا تالاي ئەركەكتىن ئوغۇلبالادارچىلىق كۆرۈپ باقمىدىمئانامدىن باشقا يات جېنىستىن مېھىرلەر ئىستەپ ھەم يۈرەككە ياقمىدىمباشقىلارنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە چۆكۈپ ھەم ھوزۇرلۇق ئاقمىدىمقولۇمدىن كېلىشى شۇ بولدى مىسكىننى دەپ ھەم تېمىمغا گېلەممۇ قاقمىدىمئەسلى رېتىمىمنى بويلاپ مېڭىشتن تەپ تارتىش ئەمەس ماڭا نىزامسەۋەب شۇكى نورمال ماڭغىنىمغا قونچۇمنى باستى لىق چاڭ-توزانتۇرقۇمدىنلا پۇلى يوق تۇرسامنېمىشقا چېقىلىدۇ ئالتۇن يوق كوزامۋۇجۇدۇم ئىچىدىن ئاھ ئۇرساميات بىرسى باغرىغا باسامدۇ دەپ جېنىم قوزامرىئالدىن قېچىشقا ئۇرۇندۇم، خىيالىم گۈزەللىك ئەلۋەكئەپسۇس يوقتۇر ھېچ كۆڭلۈمگە داۋالىق تەسكنيىقىلدىم ئويماندا يىقىلدىم بىشىمغا ئۇرۇلدى گىرۋەكسۆز تامام يوقتۇر بىلسەڭ مەندىنمۇ بەتتەر مىسكىنرىئالدىن قېچىشقا ئۇرۇندۇم، خىيالىم گۈزەللىك ئەلۋەكئەپسۇس يوقتۇر ھېچ كۆڭلۈمگە داۋالىق تەسكىنيىقىلدىم ئويماندا يىقىلدىم بىشىمغا ئۇرۇلدى گىرۋەكسۆز تامام يوقتۇر بىلسەڭ مەندىنمۇ بەتتەر مىسكىن